当前位置: 首页 >> 环境教育 >> 正文
环境保护条例(维文)
2017-06-22 13:23  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي

كومىتېتىنىڭ ئېلانى

 

(35-نومۇرلۇق)

 

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» 2016-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

 

 

 

 

                                      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق

                                     خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

                                      2016-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

 

 

 

 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى

 

(1996-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى

2011-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-يىغىنىدا 1-قېتىم ئۆزگەرتىلدى

2016-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا 2-قېتىم ئۆزگەرتىلدى)

 

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

 

1-ماددا  بۇ نىزام مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئامىللار ۋە ئۆزگەرتىلگەن تەبىئىي ئامىللارنىڭ يىغىندىسىنى، جۈملىدىن، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، قېزىلما بايلىق، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، ياۋايى جانلىقلار، تەبىئەت ئىزنالىرى، ئادىمىيەت ئىزنالىرى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، شەھەر ۋە يېزا، كەنت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا  بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مۇھىت ئاسراش ۋە مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا  مۇھىت ئاسراشتا ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جامائەت قاتنىشىش، زىيان يەتكۈزگەنلەر جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. 

5-ماددا  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ۋە نۇقتىلىق رايونلاردىكى جايلارنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (تۆۋەندە بىڭتۇەن دېيىلىدۇ) ۋە كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.

ئاپتونوم رايون رايونلار ئارا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا مۇھىت ئاسراش بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈزەش، بىرلەشمە كونترول قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

6-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار مەمۇرىي فۇنكىسيەلىك تارماقلار ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى ۋە نىشانىنى ئورۇنلاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ھەمدە مۇھىت ئاسراش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار مەمۇرىي فۇنكىسيەلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى شۇنىڭدەك بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش تىرانسىپورت، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، ساياھەت، كۆمۈر، مېترولوگىيە، ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم-كارانتىن تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز دائىرىسىنىڭ، ئۆز ساھەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ

7-ماددا بىڭتۇەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ۋە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ بىڭتۇەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە رايونلار ئورتاق تۈزەش ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق تۈزەش پىرىنسپىغا ئەمەل قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلىشى، بىر تۇتاش سىياسەت چىقىرىشى، بىر تۇتاش ئۆلچەم بېكىتىشى، بىر تۇتاش تەلەپ قويۇشى، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

بىڭتۇەننىڭ مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتى كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئاپتونوم رايوندىكى ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىڭتۇەننىڭ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىڭتۇەن خاراكتېرىنى ئالمىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە شۇ جايدىكى بىڭتۇەننىڭ مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، مۇھىت نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قويىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاشتا كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىشى كېرەك.

10-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار مۇھىت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇھىت سۈپىتى، مۇھىتنى كۆزىتىش شۇنىڭدەك مۇھىت مەمۇرىي ئىجازىتى بېرىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ھەر يىلى مۇھىت ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

11-ماددا  ھەر يىلى 6-ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش تەشۋىق-تەربىيە ئېيى بولىدۇ. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش تەشۋىقاتى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق، تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنى مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؛ ھەردەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تەربىيەلەش ئوبيېكىتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇھىت ئاسراشقا ئائىت پاراۋانلىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك.

12-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار جامائەت قاتنىشىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك. 

قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، جامائەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە جامائەت مەنپەئەتى دەۋاسى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. 

13-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئىناۋىتىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلىرىنى ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

14-ماددا  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇھىت بۇلغاش، مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن مۇھىت مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماققا ئەرز قىلىشقا ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىش مەزمۇنىنىڭ راستلىقى ئېنىقلانسا، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار توردا پاش قىلىش سۇپىسى قۇرۇشى، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى ۋە ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

 

2-باب  مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

 

15-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلى تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك. 

16-ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىش پىلانىنى تۈزۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەزگۈر رايونلار ۋە ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ، قاتتىق قوغدايدۇ.

17-ماددا  مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلار پىلانىنى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى، يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ يىرىك پىلانى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

ھەر خىل ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش پائالىيەتلىرىدە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

18-ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى بەلگىلەنگەن تۈرلەردە، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ قاتتىق بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. 

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

19-ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش تور سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت كۆزىتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قارىمىقىدىكى مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسى بويىچە مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش، بۇلغىما مەنبەسىنى نازارەت قىلىش-كۆزىتىش، بۇلغىمىنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسىدە كۆزىتىش ۋە تاسادىپىي مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە كۆزىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى؛ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، بۇلغىما چىقىرىش مەلۇماتىنى بېكىتىش، مۇھىتقا دائىر سان-سېفىرلارنى ئىستاتسىتىكا قىلىش، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش، مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش، نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاش قاتارلىق مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك. 

20-ماددا  شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە رايون، ۋادى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاش ھەمدە يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگانغا مۇھىت تەسىرى ھەققىدىكى ماتېرىيال ياكى ئىزاھاتنى تاپشۇرۇش كېرەك. مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىمىغان ئېچىش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، قاتناش، ساياھەت، شەھەر قۇرۇلۇشى، باغچە رايون تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە، تەبىئىي بايلىق ئېچىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈشتە، مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى مەخسۇس يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگانغا تاپشۇرۇش كېرەك؛ تەستىقلىغۇچى ئورگان مەخسۇس يىرىك پىلاننى تەستىقلاشتا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى چىقارغان يازما تەكشۈرۈش پىكرى ۋە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى يەكۈنىنى تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك.

21-ماددا  مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇن تەستىقلاش ھوقۇقى بار مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى ۋە دوكلات جەدۋىلىنى تەستىقلىتىشى كېرەك

مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاتمىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا بولمايدۇ. 

22-ماددا  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، يېنىك سانائەت، يادرو ۋە رادىئاتسىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىش قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى شۇنىڭدەك مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىگە سېلىنغان تەستىقتە مۇھىتنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىدىغانلىرى مۇھىتنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ئىشىنى ئۆزى قىلىشى ياكى مۇناسىپ تېخنىكا شارائىتى ھازىرلىغان ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

23-ماددا  ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) مەمۇرىي رايون ھالقىغان مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نۇقتىلىق رايونلىرى، ۋادىلىرىدا بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ. رايونلار ۋە ۋادىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار ئارىسىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، قەرەللىك كېڭىشىش، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش، بىرلىكتە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 

24-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت نازارەتچىلىكى ئاپپاراتى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، يىراق سېزىملىق كۆزىتىش، يىراق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىنغا ئېلىش ۋە بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرۈش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، رادىيوئاكتىپ قاتارلىق مۇھىت نەق مەيدانىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

تەكشۈرۈلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، تەكشۈرۈشنى رەت قىلماسلىقى، تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ياكى پاكىتنى يوشۇرماسلىقى كېرەك.

25-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆتكەن يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يېتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

 يۈز بەرگەن زور مۇھىت ۋەقەلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

 

3-باب  مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش

 

26-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر قالايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بۇلغىمىنى زىيادە ئاز چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، بۇلغىمىنى ئاز چىقىرىدىغان، بۇلغىما چىقارمايدىغان پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇلارنى چەكلەش رايونىنى ئايرىسا ھەمدە ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئوت يېقىش چەكلەنگەن رايوندا، كۆمۈر، ئۇۋاق كۆمۈر، ھەرخىل يېقىلغۇ قاتارلىق ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇلارنى سېتىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئېغىر بۇلغىملىق يېقىلغۇ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرۇلۇپ بولغانلىرىنى بەلگىلەنگەن سۈرۈكتە پاكىز ئېنېرگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە بۇلغىما چىقىرىدىغان، ئېغىر بۇلغىمىلىق، يۇقىرى سەرپىياتلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

27-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايى سىگنال دەرىجىسىگە قاراپ، ۋاقتىدا سىگنال بېرىپ، جامائەتنى ساقلىق ساقلاش بويىچە مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. 

28-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقىرى بۇلغىمىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇلغان رايونلارنى ۋە ۋاقىت بۆلىكىنى ئايرىسا ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ. 

ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. 

29-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئاۋۋال قوغداپ، نۇقتىلىق ۋادىلار، رايونلار، يېقىن قىرغاقتىكى سۇ رايونلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ قىس رايونلار، سۇ بۇلغىنىشى ئېغىر رايونلار ۋە سەزگۈر رايونلاردا يۇقىرى سۇ سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

30-ماددا  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى ۋە دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئېغىر خىمىيە سانائىتى، ئېغىر مېتالغا مۇناسىۋەتلىك بۇلغىمىلىق سانائەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ يولغا قويۇلۇپ بولغان بۇلغىمىلىق سانائەت تۈرلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە كۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.

 31-ماددا  دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغايدىغان ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ.

پولات-تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، گۈل باسمىچىلىقى ۋە بوياقچىلىق، قەغەزچىلىك، نېفىت، نېفىت-خىمىيە، خىمىيە سانائىتى، كۆنچىلىك قاتارلىق سۇ سەرپىياتى يۇقىرى كارخانىلار كېرەكسىز سۇنى ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىپ قايتا ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. 

32-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىپ، تۇپراق مۇھىتىنى ئاسراشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى ئايرىپ، رايونلار تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك. تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش جاۋابكارلىق سۇبيېكتى يوقىلىپ كەتسە ياكى ئېنىق بولمىسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزەشكە ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

سانائەت ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېرىنى تۇرالغۇ، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىغان يەرگە ئۆزگەرتىشتە، تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ساقلانغان بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، ئۆلچەپ ياكى باھالاپ، تۈزەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

قۇملۇق، سايلىق، شورلۇق ۋە سازلىقلارغا قانۇنسىز بۇلغىما چىقىرىش، زەھەرلىك، زىيانلىق نەرسىلەرنى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ. 

33-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىدىكى بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاتقاق گازى، شاخ-شۇمبا قاتۇرمىسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىشى، بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش، زىيانسىزلاندۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تاشلاندۇقلارنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، كېرەكسىز يالتىراقنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 

34-ماددا  ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش تۈزەش بىلەن تارقاق تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ئاسرىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. 

35-ماددا  چارۋا-قۇش فېرمىلىرى، باقمىچىلىق رايونلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش ئېھتىياجىغا قاراپ، چارۋا-قۇش قىغى ۋە پاسكىنا سۇنى ساقلاش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ تاپىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇناسىپ قۇرۇشى؛ ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلى ۋە تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنولوگىيەسى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 

ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى ۋە ئارىلىق رايونى، شەھەر-بازار ئاھالىسى رايونى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقات رايونى قاتارلىق ئاھالە مەركەزلەشكەن رايونلار، شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا باقمىچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا چارۋا-قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

36-ماددا  شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەرلەردىكى پاسكىنا سۇ، تۇرمۇش ئەخلىتى قاتارلىق شەھەر-بازار بۇلغىمىلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە يانداش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى نورما بويىچە باھالىشى كېرەك. 

شەھەر رايونى ئىچىدە يۇقىرى بۇلغىمىلىق ئوت-ئېلېكتىر، خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قەغەزچىلىك، پولات-تۆمۈر، بىناكارلىق ماتېرىيالى قۇرۇلۇشى قاتارلىق سانائەت قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىشقا بولمايدۇ؛ قۇرۇلۇپ بولغانلىرىنى تەدرىجىي كۆچۈرۈش كېرەك.

37-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، يىغىپ قايتا پايدىلىنىش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇپ مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىشنى تەشكىللەپ، كېرەكسىز، كونا تاۋارلارنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش، كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىش، بىيولوگىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆز رايونىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئەخلەت تاشلاش ۋە يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. 

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈرگە ئايرىپ تاشلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتىشى كېرەك.

38-ماددا  ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا فۇنكىسىيەلىك تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەھەر-بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا تايىنىپ، تەۋەلىكىدىكى رايوننىڭ سودا، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش پائالىيىتىدىكى ئاتموسفېرا، سۇ، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق قاتارلىقلاردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى ئۇنۋېرسال ماسلاشتۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىدە ساقلانغان مۇھىت بۇلغىنىشقا دائىر باشقا مەسىلىلەرنى بايقىسا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇھىت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى كوچا باشقارمىسىغا مۇرەسسە قىلىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

39-ماددا  سانائەت باغچە رايونلىرىنى قۇرۇشتا، باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ، باغچە رايونىنىڭ ئورنى ۋە بوشلۇق جايلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بېكىتىپ، بايلىقنى ياخشى تەقسىملەپ، سانائەت كارخانىلىرىنى كۆجۈملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك ۋە ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

سانائەت باغچە رايونلىرى پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش يانداش ئەسلىھەسى قۇرۇش، قاتتىق تاشلاندۇقنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بۇلغىمىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى تەڭ قەدەمدە پىلانلىشى؛ باغچە رايونى ئىچىدىكى سانائەت كېرەكسىز سۇلىرىنى ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىپ، مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، بۇلغىمىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى چىقىرىدىغان سانائەت كارخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

40-ماددا  ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ، ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلار تۆلەم تۆلەش، نەپكە ئېرىشكەنلەر ھەق بېرىش، مۇھىتنى ئاسرىغانلار مۇۋاپىق تولۇقلىمىغا ئېرىشىشتتەك ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

41-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاسراش ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار تۈرى ۋە ئېرسىيەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تېخنىكا تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىيوبايلىقتىن ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك پايدىلىنىشى كېرەك.

 

4-باب  بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ

ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

 

42-ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت چۈشۈرگەن نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ۋە رايون مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى تەقسىملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دەرىجىمۇدەرىجە ئىجرا قىلىشى كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي كونترول كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، نۇقتىلىق بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلىمىغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

43-ماددا  بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر قانۇن بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. شەھەرلەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىگە پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىشتە بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى تاپشۇرغانلاردىن پاسكىنا سۇ چىقىرىش ھەققى قايتا ئېلىنمايدۇ.

چىقىرىلىدىغان بۇلغىما دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ۋە نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. 

44-ماددا  كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە دائىر تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇن مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ 

(2) ئىچكى قىسىمدا مۇھىت ئاسراش خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىلىرىنى بېكىتىش؛ 

(3) ئىچكى قىسىمدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 

(4) ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ۋە تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 

(5) مۇھىت ئاسراش خىزمەت ئارخىپى تۇرغۇزۇش؛

(6) مۇھىت بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ۋە مۇھىت خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛ 

(7) مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مەسئۇلىيەتلەر. 

باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر ئالاقىدار خادىملارنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ۋە تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. 

45-ماددا  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلىرى بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى ھەمدە ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ دەسلەپكى كۆزىتىش خاتىرىسى ۋە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاسراش خاتىرىسىنى ساقلاش مۇددىتى 3 يىلدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشكە، تاشلاپ قويۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

46-ماددا  نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ئۆزى چىقىرىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ نامى، چىقىرىش ئۇسۇلى، چىقىرىش قويۇقلۇقى ۋە ئومۇمىي مىقدارى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئىشلەش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە ئەينەن ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

بۇلغىما چىقىرىدىغان باشقا ئورۇنلار ئالاقىدار مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. 

47-ماددا  قېزىلما بايلىق چارلىغۇچى، ئاچقۇچى ئورۇنلار قېزىلما بايلىق چارلاش، ئېچىشتىن ھاسىل بولغان قۇيرۇق كان، كۆمۈر تېشى، كۆمۈر كۈلى، مېتال تاۋلاش داشقىلى ھەمدە گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، نىتراتسىزلاشتۇرۇش، توزانسىزلاشتۇرۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى دۆۋلەش مەيدانلىرىنى ئوڭشاپ، توزۇش، ئېقىش، سىڭىشتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ مۇھىتنى بۇلغىغانلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

كان ئېچىشتا پايدىلانغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق تاشلاندۇقنى زىيانسىزلاندۇرۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىش؛ ئۇزاققىچە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىرىغا مەڭگۈلۈك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

48-ماددا  ئېلېكتىروماگىنىت رادىياتسىيە قۇرۇلۇشى ياكى ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى بىنالار ئارىسىدىكى مۇداپىئە ئارىلىقى ۋە ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى دۆلەت بېكىتكەن ئۆلچەم ۋە تەستىقلانغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار ئۆزى پەيدا قىلغان رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇقنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. 

49-ماددا  شەھەر ئاھالە رايونى، دوختۇرخانا قاتارلىق رايونلاردا كېچىدە شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىشقا بولمايدۇ؛ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىدىكى تەلەپ بويىچە ياكى ئالاھىدە ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئۇدا مەشغۇلات قىلىدىغانلار شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىدا پەيدا بولغان شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ دائىرىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاھالە رايونى ۋە ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدا شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان ياكى شاۋقۇن پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

50-ماددا  قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتكەن، كېڭەيتكەندە، قۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىي بۇلغىما مەنبەسىنى بىرلا ۋاقىتتا تىزگىنلىشى كېرەك.

51-ماددا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن رايوندا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشنى توختىتىپ تۇرىدۇ:

(1) ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزغان بولسا؛

(2) نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى يىللىق نۇقتىلىق بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلىمىغان بولسا؛

(3) تۇپراقنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن ياكى ئالدىن قوغدىلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىۋەتكەن بولسا؛

(4) دۆلەت قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشنى توختىتىپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.

52-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. مۇھىت سۈپىتىنى ئېغىر دەرىجىدە يامانلاشتۇرۇۋېتىش، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇشى، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

53-ماددا  كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە قەرەللىك مانىۋېر ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، جىددىي تەبىر قوللىنىپ، خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارغا ۋە ئاھالىگە ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

54-ماددا  ئاپتونوم رايون بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىش ۋە ئۇنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى يولغا قويىدۇ.

بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇلغىما چىقىرىش نورما ئېشىنچىسىنى باشقا بۇلغىما چىقارغۇچىلارغا ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. 

55-ماددا  سۇغۇرتا كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغاش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئېغىر مېتال، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش قاتارلىق مۇھىتقا بولغان خەتىرى ئېغىر كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ مۇھىت بۇلغاش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

 

5-باب   قانۇن جاۋابكارلىقى

 

56-ماددا  بۇ نىزامنىڭ 30-ماددىسىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى ۋە دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى ئەتىراپىدا بۇلغىمىلىق سانائەت تۈرلىرىنى يولغا قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، چۇۋۇۋېتىشكە ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

57-ماددا  بۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملۇق، سايلىق، شورلۇق ۋە سازلىقلارغا قانۇنسىز بۇلغىما چىقارغان زەھەرلىك، زىيانلىق نەرسىلەرنى تۆككەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

58-ماددا  بۇ نىزامنىڭ 35-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى ۋە ئارىلىق رايونى، شەھەر-بازار ئاھالىسى رايونى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقات رايونى قاتارلىق ئاھالە مەركەزلەشكەن رايونلار، شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا باقمچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا چارۋا-قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختاتمىغانلارغا 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، چۇۋۇۋېتىشكە ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدا چارۋا-قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، چۇۋۇۋېتىشكە ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

59-ماددا  كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ياكى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقا بۇلغىما چىقارغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش، بۇلغىما چىقىرىشقا چەك قويۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ، ئىشتىن توختىتىشقا، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

60-ماددا  كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، تاشلاپ قويغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

61-ماددا  نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 46-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ياكى ئەينەن ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاشكارىلاشقا بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

62-ماددا  مۇشۇ نىزامنىڭ 49-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېچىدە شەھەر ئاھالە رايونى، دوختۇرخانا قاتارلىق رايونلاردا شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاھالە رايونى ۋە ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدا شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

63-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىقتىن جەرىمانە قويۇلغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا ياكى تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختاتمىغان ياكى تۈزەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا ياكى تۈزىتىشكە بۇيرىغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى جەرىمانە نورمىسى بويىچە كۈنىگە ھېسابلاپ داۋاملىق جازالىسا بولىدۇ:

(1) كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ياكى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقارغان، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ باشقا بۇلغىما چىقارغانلىرى؛

(2) كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەردىن تەستىقلاتماي تۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، تاشلاپ قويغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەنلىرى؛

(3) نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئورۇنلىرىدىن مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ياكى ئەينەن ئاشكارىلىمىغانلىرى؛

(4) شەھەر ئاھالە رايونى، دوختۇرخانا قاتارلىق رايونلاردا، كېچىدە شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاھالە رايونى ۋە ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپلىدا شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

(5) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا قىلمىشلار.

64-ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنى بۇلغاش، شاۋقۇن پەيدا قىلىش قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا بىنائەن جازا بېرىدۇ.

65-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىدىن مۇشۇ  نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە بىنائەن قانۇن بويىچە گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (2) تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈش، ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن چوڭ-چوڭ مۇھىت ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

(4) مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(5) ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان، يۇقىرى بۇلغىمىلىق، يۇقىرى سەرپىياتلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈشنى قاتتىق كونترول قىلمىغانلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان تۈرلەرگە تۇتۇش قىلغانلار؛

(6)  دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغايدىغان ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلار؛

(7) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەن، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان ۋە مەمۇرىي جازا بەرگەنلەر؛

(8) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىق جەھەتتىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ كېلىدىغان قارار چىقارغانلار؛

(9) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

66-ماددا  مەمۇرىي جازا بەرگەندە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، جىنايەتكە چېتىشلىق ئەھۋاللارنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مۇھىت ئاسراش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

 

6-باب   قوشۇمچە پىرىنسىپ

 

67-ماددا  بۇ نىزام 2017- يىل 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

 

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

 

附件【环境保护条例(维文).docx已下载
上一条:中华人民共和国水污染防治法
下一条:环保法律法规政策资料汇编环保厅印刷